вторник, 7 октября 2008 г.

گۈلەمخان


گۈلەمخان
(تارىخىي داستان)
ئاۋتوردىن:
سىلەر كۆرۈپ تۇرغان "گۈلەمخان" ناملىق بۇ تارىخىي داستاننىڭ پاجىەسى مانجۇر خاندانلىغىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە، يەنى 1890-يىللىرى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون، ئىلى ئوبلۇسىنىڭ غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق ئويمان – ئىلى دەرىياسىنىڭ بويىدىكى بايتوقاي (ئويمانبۇلاق) دېگەن كونا ئۇيغۇر يېزىسىدا ئۆتكەن ھەقىقىي تارىخىي ۋەقىەدۇر.
بۇ تارىخىي ۋەقەنىڭ ماتېرىالىنى مەن 1951 – 1953- يىللىرى گۈلەمخان، نودەر، مايەن ۋە سايرامباي تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئويمانبايتوقاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى: ھىزۋەكتام، تۈگمەن بېشى، ئارۆستەڭ، ياماتۇ ھەم توغراق يېزىلىرىدا يۈرۈپ توپلىغان ئېدىم. شۇ توپلىغان ماتېرىاللىرىمغا ۋە گۈلەمخان ھەققىدىكى ئېغىز ئىجادى بىلەن بەزى يازما ھۆججەتلەرگە ئاساسەن موشۇ تارىخىي داستاننى يېزىپ چىقتىم.
بۇ تارىخىي داستاندا شىنجاڭدا ياشىغۇچى قېرىنداش ئەمگەكچى خەلقلىرىنىڭ، يەرلىك فېوداللىرىغا قارشى كۈرەشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار ئوبرازلىرى ئوچۇق كۆرسىتىلدى ھەم كەمبەغەل دېھقان ياشلىرىنىڭ سىنىپى دوستلۇقى، چىن مۇھەببىتى نامايىش قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭدا ياشمغۇچى قەلەمداش يولداشلارنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئەركىن پىكىر يوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
خ. ھەمراېۋ
٭٭٭
ئۇزاقلاردىن ئەلگە مەلۇم داڭلىق گۈلەمخان،
شۇ توغرىلىق سۆزلەپ بېرەي تارىخىي داستان.
گۈزەل غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرق يېقىدا،
ئىلى دەرىيا بويىدىكى كونا مەلىدە.
سادىر٭ دېگەن بىر كەمبەغەل دېھقان بار ئېدى،
ئۇ زومىگەر ئەڭگە بايغا قۇلدەك خار ئېدى.
شۇ دېخاننىڭ ساھىپجامال بىر قىزى بولغان.
بىر نۇر ئېدى بۇ جاھاندا تەڭدىشى يوقتەك،
قاراشلىرى ئۆتكۈر ئېدى گوياكى ئوقتەك.
بىر قاراپلا ئاشىق قىلار ئېدى ھەر جاننى،
كۈندۈزى – كۈن، تۈندە ئىزلەر ئاي گۈلەمخاننى
ئەل ئاغزىدا «سۇ پەرىسى» دېگەن نامى بار،
قىزنى كۆرۈپ ئىلى دەرىيا داىم چايقىلار...
ناخشىسىغا تەبىەتمۇ بولاتتى تەشنا،
گۈل چىرايى بۇلبۇللارنى قىلاتتى ئەشنا.
تاغدا ئۆسكەن كېيىكلەرگە ئوخشايتتى ئۆزى،
ئوخچۇپ چىققان بۇلاقلاردەك ئويناتتى كۆزى.
گۈل غۇنچىدەك گۈزەل ئېدى نەپىس لەۋلىرى،
مەجنۇن تالنى ئەسلىتەتتى ئۇنىڭ بەللىرى.
قالىغاچنىڭ قانىتىدەك ئەگىمە قاشلىق،
كۆرۈنەتتى بۇ گۈزەل قىز ئون يەتتە ياشلىق.
« پەرى » دەيتتى ھەر بىر ئادەم كۆرۈپ بۇ قىزنى،
ئانار ئۈزلۈك، شېرىن سۆزلۈك، چېچى قۇندۇزنى.
دەرھەقىقەت، شۇنداق گۆزەل ئېدى گۈلەمخان،
شۇڭا قىزغا كىچىگىدىن كۆز مونچاق ئاسقان.
قىز بەختىنى تىلەر ئېدى ئاتا-ئانىسى،
يوق ئېدى ھەم مۇشۇ قىزدىن باشقا بالىسى.
قىزمۇ ئۆسۈپ چاچقا جالا سېلىنىپ قالدى،
بەڭۋاشلىقى ئەندى ئۇنىڭ بېسىلىپ قالدى.
قارا سۇمبۇل چېچى تولۇق ئۆرۈلدى ئۈچ تال،
قىزنى چوڭقۇر خىياللاغا سالدى بۇ ئەھۋال...
خىيال قۇشى ئۇچاتتى ھۆر، گويا قالىغاچ،
يۈرىكىدە مۇھەببەتنىڭ ئوتى پارلىغاچ.
قىز قەلبىدە يارنىڭ ئىشقى دولقۇنلىناتتى،
شۇ دولقۇندا يوشۇرۇن سىر يالقۇنلىناتتى.
بۇ سىرىنى ئانىسىغا ئېيتالمايتتى ھەم،
قىز كۆڭلىنى باسقان ئېدى قايغۇ بىلەن غەم...
ئاتا-ئانا بىلەر ئېدى قىزنىڭ سىرىنى،
بىلەر ئېدى ھەتتا ئۇنىڭ چىن سۆيگۈسىنى،
لېكىن ئۇلار بىلمەس بولۇپ يۈرەتتى دايىم،
دەتتى يوشۇرۇن: «مۇرادىغا يەتكۈز، خۇدايىم!»
قىز سۆيەتتى بىللە ئۆسكەن يىتىم نودەرنى،
لېكىن قەلبى سېزەتتى بىر دەھشەت-خەتەرنى.
چۈنكى كۆپلەپ بەكزادىلەر ئەگىپ يۈرەتتى،
قىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يامان كۆرەتتى.
ياقتۇرمايتتى قىز ئۇلارنىڭ ماراشلىرىنى،
ئاچ بۆرىدەك كۆز ئالايتىپ قاراشلىرىنى.
بېرىلمىدى قىز ئۇلارنىڭ شايى رەختىگە،
ئالدانمىدى ئالتۇن-كۈمۈچ، تاجۇ-تەختىگە.
ئۇ ساقلالىدى نودەر بىلەن قىلغان ئەھدىنى،
ئۇ بىلەتتى چىن ئىشىقنىڭ ئۆلمەس بەختىنى...
***
بىرىنچى باپ.
دېخاننىڭ زارى:

تاغ-ئىدىر ۋە قىرلاردا قار ئېرىگەن مەھەل،
ئىلى سۈيى لۆمشۈپ تولۇق ئاقماقتا شۇرمەل.
ئوخاندى يەر، قۇرۇت-قوڭغۇز كۆزىنى ئاچتى،
كۈنمۇ ئىسسىپ بىر خىل ئىللىق نۇرىنى چاچتى.
ئېرىق-ئوستەڭ كوچىلارغا تولدى لاي سۇلار،
باي يېرىگە ئىشلەش ئۈچۈن ماڭدى يوقسۇللار.
ھارۋۇ ھايداپ كېلەر بىر چال خېلە جىراقتىن،
بېنەملىككە ماڭغان ئۆزى ئويمانبۇلايتىن.
ئۇ پىيادە پاتقاق كېچىپ، ھايدار ئېتىنى،
بىلەتتى ئۇ بۇ يوللارنىڭ ئېپى-جېپىنى...
كۈندە كۆيگەن، ئازاپ چەككەن، خورلانغان ئۆزى.
قوللىرى ھەم قاداق بولۇپ، يېرىلغان ئۈزى.
پېشەنىسى كەڭرەك كەلگەن، قاشلىرى ئۇزۇن.
كەكە ساقال، غەملىك چىراي، قاڭشالىق بۇرۇن.
يوقسىزلىقنى كۆرسىتەتتى پۇتىدا چورۇق،
دەرت-ئەلەمنى ئەسلىتەتتى ئۈزىدە قورۇق.
تال-تال بولۇپ ئاقارغان ھەم ساقال چاچلىرى،
نە دەرتلەرنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئۇنىڭ باشلىرى...
“چۇ، جانىۋارلار!” – دەپ، ئاتلارنى سىلار يېتىلەپ،
ئاتلار ماڭار ئاپپاق كۆۋۈك، پۇشۇلداپ تەرلەپ.
ئىككى ساپان قوشنى سالغان ھارۋۇغا بېسىپ،
ئۈچ ئۆكۈزنى چېتىپ ئالغان بۇرنىنى تېشىپ،
بىر ھازادىن كېيىن دېخان دەم ئالدى توختاپ،
تۇرۇپ كەتتى كۆزنى جۇمۇپ، بىر نېمە ئويلاپ.
ئۇنىڭ ئويى، خىيالى ھەم يالغۇز قىزىدا،
قىزى قالغان ئانا بىلەن يالغۇز يېزىدا.
ئانىسى بار قىزنى ھېچ كىم يالغۇز دەلەلمەس،
لېكىن ئۇ قىز تالا-تۈزدە يالغۇز جۈرەلمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا ئويلار قىزنىڭ غېمىنى،
قىز ئۆستەرگەن كىشى بىلەر بۇنىڭ سىرىنى...
يوقسۇل دېخان ئاتلىرىنىڭ تەرلىرىنى ئېتىپ،
يەنە ماڭدى ئۆكۈزلەرنى ياخشىلاپ چېتىپ.
ئىشلەتتى ئۇ قىش-ياز تىنماي ئەڭگە چولاققا،
ئاشلىق ھايداپ، بېنەم بىلەن ئويمان بۇلاققا.
“سادىر چاققان” – دەتتى ئۇنى ئۆز تەڭ-تۇشلىرى،
ھازىر بولسا، قېرىپ ئۇنىڭ چۈشتى چىشلىرى.
ھېلىمۇ ھەم بوش كەلمەيدۇ ئىشتا - ئەمگەكتە،
چۈنكى سادىر ئۆسكەن ئېدى زور مەشەقەتتە.
ئېغىر ياتقۇ بملەن سادىر بېنەمگە يەتتى.
ئۇنىڭغا ھەم ئاتلارغىمۇ ھادۇق كېپ كەتتى...
٭٭٭
قاراڭغۇ تۈن، ئاسمان بۇلۇت، كۆرۈنمەس ھېچ كىم،
ھايات تامام كۆمۈلگەندەك ئەتراپ ياتار جىم.
پەقەت كېلەر قۇلاققا شوخ شامال پەرۋىزى،
ھوقۇشنىڭكى “ھۇۋ... ھۇۋ...” دېگەن سۈرلۈك ئاۋازى.
ئۇ ئاڭلىنار ئەڭگە باينىڭ ئاۋازىدەك جۇت،
شۇڭلاشقا دەر ئۇ سايرىسا “ۋەيران بولار جۇت”.
يوقسۇل دېخان ئۇخلار تېپ-تېچ ھارۋۇ تېگىدە،
ئاتلار بولسا تۇرىشىدۇ ئۇنىڭ يېنىدا.
ئۆكۈزلەر ھەم تاپتى پۇراپ كونا خاماننى،
ئۇلار ئەينە كۆشەپ ياتار ئەسكى ساماننى.
بىر ۋاقىتتا سادىر ئويلاپ كەتتى ئۇيقىدا،
ئۇنى ئېغىر غەم باسقاندى ئەشۇ تۇقىدا: -
“... ئوتتۇز بىر جىل ئىشلىدىم مەن ئەڭگە چولاققا!
ئۆمرۈم ئۆتتى ئېگە بولماي بىرمۇ ئۇلاققا.
سايە قىلما ھېلىگەرلەر، تۇتما قىزىمنى،
مالايلىققا بېرەلمەيمەن ئۇ يالغۇزۇمنى!...
قۇلدەك ئىشلەپ، خورلاندىم مەن ئەشۇ زالىمغا،
يەتكىنى يوق بىرمۇ قېتىم مېنىڭ ھالىمغا.
ئايالىممۇ ئون نەچچە جىل نېنىنى ياقتى،
ئىسسىق تومۇز ئاپتاپلاردا جانلىرى ئاقتى.
بۇ دەھشەتلىك ئېغىر كۈنلەر مەن بىلەن كەتسۇن،
نودەر بىلەن ئەزىز قىزىم مۇراتقا يەتسۇن!...”
٭٭٭
چۆچۈپ كېتىپ بوۋاي بىردىن ئاچتى كۆزىنى،
سوغ شاماللىق بېنەملىكتە كۆردى ئۆزىنى.
قالايمىقان چۈش كۆرگەچكە بۈگۈن كېچىدە،
بىر نېمىنى ئوقىدى ئۇ ئاستا ئىچىدە...
نودەر بولسا يېتىپ كەلگەن ئېدى بېنەمگە،
ئىشتا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قېرى ئادەمگە.
“سالام ئاتا!” – دەپ نودەرجان ئاستا ئىڭىشتى،
“ۋاالەيكۈم...” – دەپ بوۋايمۇ خوشال كۆرۈشتى،
بۇ ۋاقىتتا تاڭمۇ ئېتىپ، چىققان ئېدى كۈن.
لېكىن بۇلۇت كۈن يۈزىنى قاپلىغان پۈتۈن.
سادىر بوۋاي نودەرجانغا سەپ سېلىپ شۇندا،
سورىدى ئۇ: “نېمە گەپ بار ئۆي-ئىچى جۇتتا”
“تېچلىق-ئامان، ئۆزگىرىش يوق”، - دېدى نودەرجان.
كۆز ئالدىدىن دەررۇ ئۇچۇپ ئۆتتى گۈلەمخان...
“رەخمەت، نودەر، كەپسەن ۋەدەڭدە تۇرۇپ،
قوش سالىمىز بۈگۈن يەرگە، كەتمىسۇن قۇرۇپ”.
“خوپ بولىدۇ، قانچىلىك ئىش بولسا، مەن تەييار”.
“ياشا ئوغلۇم! مەخسەتكە يەت، بولما ئەبەد خار”.
“ئوغلۇم!” دېگەن سۆز جىگىتكە بەخىت سېزىلدى،
قەلبىگە ھەم گۈلەمخاننىڭ نامى يېزىلدى.
ئۇلار تولۇق تەييارلىدى بارلىق ئىشىنى،
سادىر باشلاپ يەرگە سالدى قوشنىڭ چىشىنى.
“ھوش-ھوش! تاش-تاش!” – دېگەن ئاۋاز ياڭرىدى شۇ چاغ،
كۆزگە كۆرۈنەر دۆڭلۈك بېنەم، ئېگىز ئابرال تاغ.
تاغ شامىلى يەلپۈمەكتە ئاتنىڭ يايلىنى،
جىگىت سۆيەر خىيالىدا گۆزەل يارىنى...
٭٭٭
ئىككىنچى باپ

ئۇچرىشىش
گۈل ئېچىلغان باھار ۋاقتى، ئايدىڭ كېچىدە،
بىر قىز يالغۇز ئولتىراتتى باغنىڭ ئىچىدە.
شامال ئاستا سىلكىمەكتە گۈلنىڭ بەرگىنى،
خىيال تامام يۆگەپ ئالغان قىزنىڭ ئەركىنى.
ئاسمان بويلاپ ئۈزەر غەمكىن كۆكنىڭ كېلىنى،
كۆڭۈل بۆلۈپ ئىزدەيدۇ ئۇ كىمدۇ بىرىنى.
باغدا كۆرگەچ ئۆز دوستىنى، مۇنداق تولۇن ئاي
دەرەق ئارا مارايدۇ ئۇ، كۈلۈپ خۇش چىراي.
ھالقا-ھالقا ئاي شولىسى ئەگىيدۇ قىزنى،
ئەركىلىتىپ ئوينايدۇ ئۇ چېچى قۇندۇزنى.
مەلە جىم-جىت ئۇخلاپ ياتار ئېغىر مۇڭلىنىپ،
ئېرىقتا سۇ شىقىراپ ئاقار ئاستا تولغىنىپ.
ئاندا-ساندا قىچقىرىدۇ غوراخلار ئۈنلۈك،
يوپۇرماقلار شىلدىرلىشىپ، ئاڭلىنار سۈرلۈك.
قىز ئولتىرار ئۆتكەن جۈمە كۆرۈشكەن يەردە،
باغ ئىچىنى ئوراپ ئالغان قاپ-قارا پەردە.
لېكىن يانار مۇقەددەس ئوت قىزنىڭ قەلبىدە،
غەزەپ بىلەن سۆزلەپ كەتتى ئاچچىق زەردىدە:
“... زالىم شاڭىيۇ بەگلەر بولدى جۇتقا غوجايىن،
ئازاپ-كۈلپەت، زۇلۇم ياغدى ئەلگە ئىنتايىن.
ئىلان-چايان، قاغا-قۇزغۇن يايراپ كەڭ-تاشا،
ھەر تەرەپكە سالدى ئۇلار زەنجىردىن قاشا.
ئاتام ئۆتتى مالاي بولۇپ زومىگەر بەككە،
ئوغۇل كۆرمەي، ئۆمۈر بويى ئىشلىدى يەككە.
مېنى بېقىپ، يەتكۈزدى ئۇ ئون سەككىز ياشقا،
ئېغىر كۈنلەر كەلدى بۈگۈن بۇ ئەزىز باشقا...
يارىم بىلەن ئارام-خۇدا جۈرەلمەيمەن تېچ،
كۈندۈز كۈنى ئوچۇق-يورۇق كۆرەلمەيمەن ھېچ.
ئەتراپىمدا چىل بۆرىلەر ھۇلايدۇ كۈندە،
يارنى ئىزلەپ يۇلتۇز ساناپ جۈرىمەن تۈندە.
قاراڭغۇ تۈن قايغۇ-ئالەم بولدى ھەمرايىم،
لېكىن يوقتۇر ئەل ئالدىدا قىلچە گۇنايىم.
گۇناسىز ئەل ئۆلكىسىنى باستى جاھالەت،
جۇت سورىغان “ئۇلۇقلاردا” يوقتۇر ئادالەت.
رەھىم-شەپقەت قىلمىدى ھېچ خەلىققە تەڭرى،
پەقەت زامان “بەگلەر ئۈچۈن!” بولدى كەڭ-كەڭرى!..”
باغنىڭ ئىچى تېپ-تېچ، پەقەت شىلدىرلار ياپراق
قايناپ-تېشىپ ئاقار ئاستا ئىسىيانكار بۇلاق.
بۇلاق بويلاپ ئېچىلغان ھەم قىزىل گۇناۋاز،
قىزغا قاراپ ئېغاڭلايدۇ قىلىپ گۆزەل ناز.
كقك ئۈزىنى قارا بۇلۇت كەلمەكتە قاپلاپ،
ئايمۇ ماڭدى تاغ ئارتىغا بۇلۇت ئارىلاپ.
ئۇزاقلاردىن ئاڭلىنىدۇ دەرىيا شاۋقۇنى،
قىز قەلبىنى كقيدۈرىدۇ ئىشق يالقۇنى.
خىيالىدا كۈلۈپ كېلەر سۆيگەن ئاشىغى،
قاينار ئۇنىڭ جۈرىگىدە سۆيگۈ قوشىغى…

قىزنىڭ ناخشىسى:
“قاراڭغۇدا قارىياغاچ كۆرۈنەر سېدە،
زۇلۇم بىلەن ياش جۈرەكلەر بولماقتا زېدە.
زېدە بولغان جۈرەكلەرنىڭ دەردى بەك تولا،
باغ ئارىلاپ ئاقتى تالاي قانچە لاي سۇلار...”
قىز بىردىنلا توختىدىدە، قارىدى باققا،
يوپۇرماقلار شىلدىرلىغان قاراڭغۇ ياققا.
شۇ ئارىدا باغ كەينىدىن ناخشا ئاڭلاندى:
قىز جۈرىگى “جۇغ” قىلدىدە، ئوت ئېلىپ ياندى.

نودەرنىڭ ناخشىسى:
“شۇندىن-شۇنغا كەلگەنلىگىم سەن يار ئۈچۈندۇر،
جەۋرى-جاپا چەككەنلىگىم دىدار ئۈچۈندۇر،
تاڭ ئاتقىچە پۇغان چېكىپ سايرايدۇ بۇلبۇل،
چۈنكى ئۇنىڭ سايرىشى ھەم گۈلزار ئۈچۈندۇر.
ئېگىز تاغنىڭ قارىغايلىرى ساينى تالاشۇر،
ياخشى بىلەن ئۆتكەن ئۆمۈر خويما ياراشۇر...”
يېقىنلىشىپ قالدى نودەر يارى بار باققا،
سىم-سىم يامغۇر تىرسىلدىتىپ تېگەر ياپراققا.
گۈل ئارىلاپ قوشۇلغاندەك ئىككى ئېرىق سۇ،
بۈگۈن كېچە ئۆز يارىنى كۆردى جىگىتمۇ...
قىز قوزغىلىپ كۈلۈمسىرەپ ماڭدى ئورنىدىن،
شۇ چاغ نودەر باققا ئىرغىپ چۈشتى شورىدىن.
باغ ئىچىدە كۆردى جىگىت ئەزىز يارىنى،
يارى ئۈچۈن بېغىشلار ئۇ دىلدا بارىنى.
ناخشا بىلەن ئەھۋال بايان قىلىپ يارىغا،
ئېرىق ئاتلاپ ماڭدى جىگىت قىزنىڭ ئالدىغا.
جىگىت كېلىپ، ئۆز يارىنىڭ تۇتتى قولىنى،
قىزنىڭ ئىسسىق لەۋلىرىگە باستى لېۋىنى.
بۇلبۇل ئورغۇپ، گۈل ئارىلاپ، قىلدى خۇش ناۋا،
ئىككى ئاشىق ئىزلەر مۇندا دەردىگە داۋا...
*-*-*
ئۈچىنچى باپ
ماۋەن بوۋاينىڭ ھېكايىسى

كاككۇك مۇڭلۇق سايرىماقتا قاراڭغۇ باغدا،
ماۋەن بوۋاي ئولتىراتتى ئۆيدە شۇ چاغدا.
ئۇ جانىۋارنىڭ غېرىپ ئۈنى تېگىپ جۇرەككە،
ئۆيدىن چمقمپ قاراپ كەتتى ئېگىز دەرەققە.
كۆرەلمىدى بىراق ئۇنى دەرەق ئۇچىدىن،
شۇ چاغ ئوغلى تويدىن قايتىپ، كىردى كوچىدىن.
ئاتىسىغا كۆزى چۈشۈپ توختىدى دەررۇ؛
تۈەپ ئالدى قولىدىكى غېجىگىنى ئۇ.
جىگىت خوشال قىلماق ئۈچۈن چالنىڭ دىلىنى،
سۈركىۋەتتى غېجىگىگە ئىنچىك قىلىنى.
نەپىس تىترەپ، جاراڭلىدى غېجەك ساداسى،
ئۇزاقلارغا ئېلىپ كەتتى تاڭنىڭ ھاۋاسى.
ياڭراپ كەتتى ئەرخان٭ كۈيى يېزىنى بويلاپ؛
راھەتلىنىپ ئاڭلىدى چال بىر نېمە ئويلاپ...
ئۇزۇن، شالاڭ ساقىلىنى سىلاپ قېرى چال،
بېشىن تۇتۇپ، يەرگە قاراپ قىلماقتا خىيال.
خىيالىدا ئەكىس ئېتەر ياشلىق چاغلىرى،
ناخشا ئېيتىپ، ساز چېلىشىپ ئۆسكەن باغلىرى.
ئۆتكەن ئۆمرى بىرلەپ ئۇنىڭ چۈشتى يادىغا،
دوستى ئېلەم غەملىك چىراي كەلدى ئالدىغا.
ئازدىن كېيىن ئوغلى ياققا بۇرۇلۇپ ماڭدى،
ئۇ قەدىردان غېجىگىنى قولىغا ئالدى.
شورا ئاتلاپ نودەرمۇ ھەم چۈشتى شۇ چاغدا،
پەرەڭ ياغلىق گۈلەم غىل-پال كۆرۈندى باغدا.
ياڭرىدى ساز نودەرنىڭ قەلبىنى ئېزىپ،
تۇرۇپ قالدى جىگىت تىترەپ، بىر نېمە سېزىپ.
چۈنكى موشۇ دەرتلىك ئاھاڭ كەلتۈردى ئاڭا،
ئازاپ چەككەن ئاتىسىنى ئەسلىتىپ يەنە.
بۇ ئاھاڭنىڭ سىرىنى چال بىلەتتى پەقەت،
“ئاتاڭ ئېلەم سۆيگەن بۇنى...” دېگەن قانچە رەت.
شۇڭلاشقا بۇ قاتتىق تەسىر قىلىپ جىگىتكە،
ناخشا باشلاپ كەتتى بىردىن مۇڭلۇق غېجەكتە.
نودەرنىڭ ناخشىسى:
“ئۆز ئاتامنىڭ سىردىشى، سەن، ئۆتتۈڭ دەرت چېكىپ،
چولپان بىلەن تەڭ ئويغىنىپ، كەلدىم باش ئېگىپ.
كەچۈر مېنى! مەجنۇن بولۇپ كەتتىم شۇ كۈندە،
يار ئىشقىدا باغ ئارىلاپ جۈرىمەن تۈندە.
بەگزادىلەر چىماق سېلىپ، چىقتى چىدالماي،
سەندىن ئۆزگە غەمخورلۇق يوق، مەن قايان باراي؟!”
چال قەلبىگە ئوت تۇتۇشۇپ، گۈلدۈرلەپ ياندى،
غېجەكنىڭ ساداسى ھەم يەنە ئۇلغايدى...
مايەن بېرىپ، ئۆز دوستىنى ئالدى قۇچاقلاپ،
ناخشىسى ھەم ياڭراپ كەتتى يېزىنى چۇلغاپ.
مايەن:
“ئۇرۇق-تۇققان، قېرىندىشىم، قەدىردان نودەر
سەن مېنىڭكى كۆز قارچۇغۇم، ئۇپۇرماس گۆھەر،
سېنىڭ بىلەن بىردۇر مېنىڭ تۇغۇلغان جۇتۇم،
بىردۇر مېنىڭ تا مەڭگۈگە جۈرىگىم، دوستۇم.
تارتىنماستىن سىرىڭنى ئېيت، ئاتام ئاڭلىسۇن...
دەرت –ئالەملەر ئوتلۇق ناخشا بولۇپ ياڭرىسۇن...”
نودەر:
“زالىم بەگلەر گۈلەمخانغا ئەلچى قويۇپتۇ،
زۇلۇم تىغى جۈرىگىنى چوڭقۇر ئويۇپتۇ.
رۇخسەت بەرسەڭ، ئېلىپ كېتەي قىزنى جىراققا،
پەرۋانىدەك ئىنتىلىمەن يانغان چىراققا.
ئىشەن، ئاتا، تاماق ئۆتمەس بوغۇزۇمدىن ھېچ،
ئەيىپ بولسا كەسسۇن مېنىڭ بوينۇمنى قىلىچ...”
قوغۇشۇندەك ئېرىپ كەتتى چالنىڭ جۈرىگى.
بۇلبۇل كەبى سايراپ تىندى مۇڭلۇق غېجىگى.
ئېرىپ ئاققان جۈرىگىدە غەزەل دولقۇنلار،
چىرايىدا تامام ئۇنىڭ ئەلەم ئۇچقۇنلار...
كۆزلىرىدىن تۆكۈلدى ھەم تامچا-تامچا ياش،
تەلمۈردى چال كۆككە قاراپ، كۆرۈنمەس قۇياش.
چال ئالدىدا ئىككى جىگىت تۇرار باش ئېگىپ،
ھەر ئىككىسى كۆزلىرىگە ئاچچىق ياش ئېلىپ،
جىگىتلەرنى تەكلىپ قىلدى بوۋاي قېشىغا،
سۆيۈپ قويدى نودەرنىڭكى غەملىك بېشىغا.
ئاتىدارلىق مېھرى بىلەن سېلىپ چىن سايە،
باشلاپ كەتتى ماۋەن بوۋاي مۇنداق ھېكايە:
“... دەل بۇنىڭدىن جىگىرمە جىل ئىلگىرى ئوغلۇم،
سالغان ئېدى ئەڭگە شاڭيو ئەلگە كۆپ زۇلۇم.
زومىگەرنىڭ تورت خوتۇنغا تويماتتى نەپسى،
چۈنكى ئۆزى ئەزەلدىنلا بۆرىنىڭ نەسلى.
خەلپەمنىڭكى كىچىك خوتۇنى “چىرايلىق” خانزات،
ھەپتىدە بىر شاڭيو بىلەن ئوينار ئېدى شات.
بۇنى سېزىپ، ئاتاڭ ئېلەم جۈرىدۇ پايلاپ،
ئۇنىڭ يالغۇز بىر پەيتىنى كۈتىدۇ ئايلاپ.
بىر كۈنى كەچ شامدىن كېيىن، خانزات ئۆيىگە،
كەپتۇ بىر چال ئىككى ئاتنى قوشۇپ مەپىگە.
دادىسىنىڭ تۇيۇقسىزدىن ئاتتىن جىقىلىپ،
ئېغىر ھالدا ياتقىنىنى دەپتۇ سىقىلىپ،
ئاتىسىنى “ئىسلام شاڭيو” دەتتى خالايىق،
زومىگەرگە شۇنداق قازا كېلىشى لايىق.
خانزات ئاڭلاپ تېپىرلاپتۇ ياش ئېپ كۆزىگە،
شۇ زامانلا كېتىپتۇ ھەم ئىسلام يۈزىگە.
ئالدىراشتىن ئېيتالماپتۇ “ئۇزۇن قۇلاققا”!
بۇ ئىشلارنى خەۋەر قىلىپ ئەڭگە چولاققا.
ئاتاڭ بولسا بۇ پەيتنى بەرمەي قولىدىن،
بىر پانا جاي ئىزلەپتۇ ھەم ئەشۇ ھويلىدىن.
بېدە باسقان ئۆگۈزگە ئۇ ئاپتۇ يوشۇرۇنۇپ،
گىرۋەكتىكى يوغان لىمنى ئالدىغا قويۇپ.
بىلدۈرمەي ياساپ ئېلىپ ھەممە يېقىنى،
دىققەت بىلەن كۈتۈپتۇ ئۇ ۋەھشى ئېيىقنى.
باش توخۇدا زالىم شاڭيو ئاتنى ئوينىتىپ،
دەرىيا ياختىن چىقىپ كەپتۇ قامچا سويلىتىپ.
باغ تەرەپتىن كىرىپتۇ ئۇ غورۇنى ئېچىپ،
لېكىن ئۇنى كۈتمەپتۇ ھېچ خانزادە چىقىپ.
ئۆزى چۈشۈپ، ئېتىنى ھەم باغلاپتۇ چەتكە،
“خەپ!” – دەپتۇ ئۇ، ساقال سىلاپ بۇ قىلغان دەرتكە...
بىر يۆتىلىپ، ئۆزىن تۈزەپ، ئۆيگە مېڭىپتۇ.
تۇيۇقسىزلا-ئۈستىگە لىم دۈگلەپ چۈشۈپتۇ.
“ۋاي!..” – دەپتۇدە، زالىم شاڭيو يەرگە يېتىپتۇ.
ئاتمۇ ئۈركۈپ، تىزگىن سىلكىپ، قاتتىق تېپىپتۇ.
لېكىن زالىم رودۇپاينىڭ چىقماپتۇ جېنى،
قولى سۇنۇپ، تۇمشۇغىدىن ئېقىپتۇ قېنى.
ئايغاقچىلار تىمىسقىلاپ پۈتۈن يېزىنى،
تاپالماپتۇ “ئەيىپدارنىڭ” باسقان ئىزىنى.
بىر جىل كېيىن بۇ سىرىنى نېمە ئۈچۈندۇر،
دوستۇم ئېلەم يولۋاس شۇمغا ئېيتىپ قويۇپتۇ.
يولۋاس قاۋان جىگىرمە ياش ئېدى ئۇ چاغدا،
چاڭگۇڭ٭ بولۇپ ئىشلەتتى ھەم ئەڭگە شاڭيودا.
قارىيۈزلۈك قىلىپ يولۋاس مەرھۇم ئاتاڭغا،
ھاجى دوغا٭ ئارقىلىق ئېيتىپتۇ بايغا.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ لوزۇڭ چىقىپ مەلىگە،
جان دوستۇمنى باغلاپ كەتتى دەھشەت تۈرمىگە.
جىغلىدۇق بىز، قاخشىدۇق، ھېچ بولمىدى ئامال،
شۇندىن بېرى ئۆتتى باشتىن قانچە سوغ شامال...”
ھېكايىنى توختىتىپ چال دېمىنى ئالدى،
غاڭزىسىغا تاماكىنى ئۇگىتىپ سالدى.
تاڭ يورۇدى، لېكىن تۇمان باستى ئالەمنى،
ئاچچىق غەزەپ يۆگەپ ئالدى قېرى ماۋەننى.
سىم-سىم يامغۇر ئاستا تامچىپ، توختىدى ئەندى،
نودەرنىڭكى شاڭيوغا زور نەپرىتى ياندى.
دوستى مايەن كۆزنى ئۈزمەي قارايدۇ ئاڭا،
ماۋەن بوۋاي داۋام قىلدى سۆزىنى يەنە:
“نودەر، سېنىڭ بىرگە ئۆسكەن يولداشلىرىڭ بار،
مايەن بىلەن، سايرامبايدەك قولداشلىرىڭ بار.
مانا بۈگۈن جىگىرمە تۆرت ياشقا كىردىڭ سەن.
ياخشى-يامان، ئاق-قارىنى تولۇق بىلدىڭ سەن.
يوقسۇل ئەلنىڭ دۈشمىنىنى پەقەت دوست تۇتما!
ئۇ جۇتلارنىڭ شۇملۇغىنى ئەندى ئۇنۇتما!
ئاتاڭنىڭكى قاتىلىغا تىككەن كۆزۈڭنى،
بەلكى شاڭيو پايلاپ جۈرەر سۆيگەن قىزىڭنى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوغلۇم، سىلەر بولۇپ ئىتتىپاق،
زالىملارغا كۈرەش بىلەن بېرىڭلار جاۋاپ!”-
چال غاڭزىنى قاقتى يەرگە ئىككىنچى توختاپ،
نودەر ئالدى مايەننى چىڭ بىردىن قۇچاقلاپ.
ئىككى ياشنىڭ جۈرىگىدە جەڭگىۋار تىلەك،
“كۈرەش!” – دېگەن ماۋزۇ بىلەن چىقاردى چېچەك.
زور خوشاللىق بىلىنەتتى چالنىڭ كۆزىدە،
ئوچۇق ئېيتتى نودەرگە ئۇ ئاخىر سۆزىدە:
“...غەم قىلمىغىن، ئوغلۇم نودەر، گۆزەل يارىڭدىن،
بىلدىم سېنىڭ دەردىڭنى مەن ئاھۇ-زارىڭدىن.
بەگزادىلەر ئالالماس ھەم سۆيگەن قىزىڭنى،
بۇ توغرىلىق ئاڭلا، ئوغلۇم، ئەندى سۆزۈمنى:
ئۆتكەن ئاخشام دوستۇم سادىر كېلىپ مۇڭداشتى،
قىز ھەققىدە ئازدىن كېيىن ئۆزى سۆز ئاچتى.
سادىر سېنى بالاقۇلۇن قىلماقچى پەقەت،
بەش-ئالتە ئاي سورايدۇ ئۇ ئۆزىگە مۆھلەت.
چۈنكى، ئوغلۇم، ئايرىم ھوجرا سالماقچى سادىر،
ساڭا مەلۈم، ئۇنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ ھازىر.
مېنىڭ بولسا ئەھۋالىممۇ ساڭا ئىايلىقلا،
ئۆزەڭمۇ ھەم ئىشلەپ كەلدىڭ باغا ئايلىقلا.
ئايلىق پۇلۇڭ قامدامايدۇ تۇتقان ئۆيۈڭنى،
كېچە-كۈندۈز يەيمەن، نودەر، سېنىڭ غېمىڭنى.
جۇت ئالدىدا بالاقۇلۇن بولغان بىلەن سەن،
ئۆي دېگەڭە كېرەك، ئوغلۇم، قازان-قومۇچ ھەم.
سادىرنىڭمۇ كۆڭلىدە شۇ-ئاساسى غەرىزى،
بىرە قۇر ئۆي-جابدۇق قىلىش ئاتىنىڭ قەرزى.
دار ئالدىدا كۆرسىمۇ ھەم سادىر ئۆزىنى،
بەگزادىگە قەتئىي بەرمەس يالغۇز قىزىنى.
لېكىن زالىم ئەڭگە چولاق تويمىغۇر گەكسى،
گۈلەمخانغا كۆزى چۈشسە، قويمايدۇ نەپسى.
ئەندى، ئوغلۇم، يارىڭنى سەن قاچۇر ئۇنىڭدىن،
ئۆزەڭ دايىم ھوشىيار بولغىن ئەينە شۇنىڭدىن.
قارشى چىقسا، كۈرەش قىپ ئال سۆيگىنىڭنى سەن،
شەرەپ دەپ بىل، موشۇ يولدا ئۆلگىنىڭنى سەن!...”-
چال سۆزىنى ئاخىرلىتىپ ئالدى چوڭ نەپەس،
نودەر پۈتۈن كۈچى بىلەن بولدى زەبەردەس.
٭٭٭
ماۋەن بوۋاي پولات قىلىچ تۇتۇپ قولىغا،
قاتناشقاندى ئۇلۇق “تەيپىن” قوزغىلىڭىغا!
شۇ ۋاقتىدا ئۇ جىگىرمە ئۈچكە ئۇلاشقان.
ھازىر بولسا ئاتمىش ئالتە كۆزى تولاشقان...
بىراق ئۇنىڭ قەلبى كۈچلۈك، - قېرى ئىسيانكار،
شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغلىمۇ باتۇر جەڭگىۋار...
------
٭ ئەرخان---خىتاي خەلقىنىڭ داڭلىق ناخشىسى.
٭ ئۇزۇن قۇلاق – (قازاقچە ئىبارە) سۆز توشۇغۇچى، ئايغاقچى.
٭ چاڭغۇڭ – ئايلىق مالاي (ياللانغۇچى).
٭ دوغا – پومېشىكلارنىڭ دېخانچىلىق ئىشىنى باشقۇرغۇچىسى.
***
تۆرتىنچى باپ

چېلىش

باراقسانلىق ئىيۇل ئېيى. ئىلى بويىدا،
قۇم ئارشاڭنىڭ قىزىپ كەتكەن جىللىق تويىدا.
چېلىش، بەيگە، ئوغلاق تارتىش بولۇپ تۇراتتى.
ئويۇن-كۈلكە، ئەيشى-ئىشرەت تولۇپ تۇراتتى.
ھەممە ئەتراپ قىزىل-جىيا كۆرۈنەر كۆزگە،
جىلدا بىرلا جان كىرەتتى بۇ دالا-تۈزغە.
بايلار ئۈچۈن ھەممە نەرسە تېپىلار مۇندا،
كەمبەغەللەر تۆشنى ئېچىپ، ئولتىرار قۇمدا.
بەگ زالىملار چېدىرلاردا ئوينار قىمارنى،
بەزىلىرى سۆيەر سەتەڭ – “كۆزى خۇمارنى”،
ھەر تەرەپتە قايناپ كەتكەن نەغمە ۋە ناۋا،
ئادەم بىلەن تولۇپ-تاشقان چەكسىز كەڭ دالا.
بىرى ماختار ئاشلەڭپۇڭنىڭ باش سىركىسىنى.
“مۇزداۋاننىڭ – مۇزى بۇ!” دەپ، چىقسا دوغاپچى،
“قينىڭ گۆشى – گىچچىدە ماي!..” دەيدۇ كاۋاپچى.
بىر تەرەپتە مەدداھ ئوقار رۇستىمى-داستان.
بىر تەرەپتە ھورى چىقىپ كۆتىرىلەر قاسقان.
بىر تەرەپتە غەزەل ئېيتار ۋەيرانە ئاشىق،
توپ-توپ بولۇپ، دولقۇنلىنار مەيداندا خەلىق.
مەيدان ئارا ئەل كۆزىنى باغلايدۇ – سەرگا،
(بىر مىنۇتتا تۈرلۈك تاماق قىلىدۇ تەييار).
ئالماش كىيىم كىيىپ ئېلىپ، موللاقچى-دەرۋاز،
ئېگىز چىغرىق ئۈستىدە ئۇ قىلىدۇ پەرۋاز.
بىر تەرەپتە سوقۇشتۇرار قوشقارنى بەگلەر،
“تاماشىنى...” تەتۈر كۆرەر ئايرىم بەڭگىلەر.
بىر تەرەپتە كىتاپ ئېچىپ، ئولتىرار پالچى،
بۇنىڭ بىلەن ئەلنى ئالدار قانچە يالغانچى...
مۇندا جۈرەر قىز-جۇگانلار پەرەنجى پۈركىنىپ،
بەزىلىرى قاچار خۇددى كەپتەردەك ئۈركۈپ.
چۈمپەردىدە پۈتۈن ئەتراپ كۆرۈنەر غۇۋا،
لېكىن سۆيگەن يارى بىلىنەر “توۋۋا!”
يارى بىلەن ئۇچرىشىدۇ پەيتىنى تاپسا،
ئامما ئۇلار سۆزلىشەلمەس ئەركىن، كەڭ-تاشا.
٭٭٭
كۈن ئېگىلىپ، پېشىن بولۇپ “قاينىدى ئويۇن”،
شەھەر ياقتىن كۆتۈرۈلدى قاپ-قارا كۇيۇن.
بىر ھازادا جاللاتلارنى سېلىپ كەينىگە،
دوتەي-شەڭەن، دارىنلارمۇ چىقتى سەيلىگە.
جو٭ ئۈستىدە زالىم دوتەي ئولتىرار بۇتتەك،
پىلدىرلايدۇ جۇمۇك كۆزى نۇرسىز چىراقتەك.
ئاي گۈلى بار قارا توگا چاپاننى كىيىپ،
سېرىق ئېيىق تېرىسىگە تۇرار يۆلىنىپ.
ئەپىيۈن بىلەن زەھەرلەڭەن تېلەتى سۆرۈن،
بوينى خۇددى قاقىرلاردەك، كالپۇگى قېلىن.
بېشىغا ئۇ كىيىپ ئېلىپ ئۇزۇن موزىنى٭
قاداپ ئالغان ئۈستىگە ھەم مەڭسەپ توزىنى٭
ئەمەلدارلار قارشى ئېلىپ ئاتىدۇ پونى،
خەنسۇ، ئۇيغۇر يوقسۇللىرى كۆتەرگەن جونى.
جونىڭ ئىككى تەرىپىدە ئونلاپ يايىلار،
دوتەي بىلەن ماڭار بىللە سېلىپ سايىلار.
قانلىق ئىلان قامچىسىنى ئوينىتار جاللات،
جو كۆتەرگەن مېھنەتكەشلەر قىلىدۇ پەرىيات.
باي، فېودال، پومېشىكلار قوشتۇرۇپ قولنى،
“ئۇلۇقلارغا!” باش قويۇشۇپ، بوشىتار يولنى.
ماڭدى ئۇلار خاس ياسالغان ئازادە ئۆيگە،
ئەل قېنىدىن بويالغان ئۇ “قىزىل چېدىرگە”.
ئۇلار ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوينار، “قانچە سەتەڭلەر،
قانچە گۆزەل، قانچە نازۇك قانچە سەنەملەر...”
توپنى يېرىپ چىقىپ كەلدى بىر قاۋۇل جىگىت،
بېشىدا ئاق قالپىغى بار گوياكى بۈركۈت.
بەستى تولۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، بوي تۇرقى ئورتا،
گاڭگۇڭلاردەك ئۇنىڭمۇ ھەم بېلىدە پوتا.
شىرغا ئوخشاش كۆكرىگى كەڭ، قوللىرى كۈچلۈك،
كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرار بايلارغا ئۆچلۈك.
بەدەنلىرى ئەمگەك بىلەن چىنىققان-قاتقان،
كىچىككىنە قارا بۇرتى ئەندى خەت تارتقان،
يېتىپ كەلدى مەيدانغا ئۇ ئەركىن مېڭىشتا،
بەلكى موشۇ جىگىت چۈشسە، يېڭەر چېلىشتا.
قەيسەرلەردەك قاراتتى ئۇ ئەركىن كېزىپ،
تۇرار ئېدى بىر نەرسىنى جۈرىگى سېزىپ.
جىگىت خەلىق دولقۇنىغا قاراپ قالدى جىم،
ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە كۆرۈنمەس ھېچ كىم...
ئازدىن كېيىن ئالدى جىگىت ئۆزىنى ئوڭشاپ،
تۇرۇپ كەتتى ئەتراپتىكى ۋاڭ-چۇڭنى تىڭشاپ.
كۆز ئالدىدا قاينار ئېدى ئادەم دولقۇنى،
كۆيدۈرەتتى پېشانىنى كۈننىڭ يالقۇنى.
ئارقىسىدا دوستى مايەن نودەرنى تونۇپ،
توپ ئىچىدە ئالدى ئۇنىڭ كۆزىنى جۇمۇپ.
نودەر دەررۇ سىلاپ كۆرۈپ جىگىت قولىنى،
بىلىپ قېلىپ، ئاستا چىمداپ قويدى بۇرنىنى.
ھەر ئىككىسى كۈلۈپ كېتىپ، كۆرۈشتى خوشال،
شۇ چاغ سايرام كۆرۈپ قالدى، نودەرنى غىل-پال.
سايرام ماڭدى يېڭى بىلەن ئۈزىنى ئېتىپ،
ئېغىر چامداپ كېلەر قۇمدا ئايىغى پېتىپ.
ئاخىر ئۇلار بىر-بىرى بىلەن تېپىشتى،
“جۈر، نودەرجان!” – دەپ، چېلىشقا ئېلىپ كېتىشتى...
كۈن تۆۋەنلەپ، سالقىن چۈشۈپ قالدى ئەتراپقا،
ئەل توپلىنىپ ئاقار سەلدەك چوڭ چېلىش ياققا.
مەيداننى كەڭ داىرە قىپ، مىڭلىغان ئادەم،
پالۋانلارنىڭ چېلىشىنى كۈتەتتى شۇ دەم.
بىرىنچى بوپ ئەڭگە باينىڭ – يولۋاس پالۋىنى،
كىيىپ چىقتى مەيدانغا ئۇ ياغاق شالۋۇرنى.
ئۇ گەۋىرلىك ئېگىز كەلگەن، خامسېمىز ئېدى.
تىنىغىدىن كېلىپ تۇرار قىمىزنىڭ ھىدى.
ئاڭا قارشى نودەر چۈشمەك بولدى چېلىشقا،
ئاتىسىنىڭ كاتىلىدىن قىسساس ئېلىشقا...
سايرامباي جىم ئولتىراتتى قاپىغىن تۈرۈپ،
ئۇ ئېلىشىپ باقماق بولدى يولۋاسنى كۆرۈپ.
مايەننىڭكى تومۇرلىرى كۆپتى ئۆچ بىلەن،
ئۆز ئىچىدە شۇم قاۋاننى ئۇرار مۇش بىلەن.
سايرام كۈچلۈك قوللىرىنى پاتۇردى قۇمغا،
ئۆزى تامام نەپرەت بىلەن قارار مەلئۇنغا!
نودەر دەررۇ دومتلىرىنى قىلىپ خاتىرجەم،
ئالدى بىلەن ئۆزى چۈشمەك بولدى مۇستەھكەم،
“قېنى، پالۋان بولسا، چاپسان چىقسۇن مەيدانغا!” –
دەپ، ۋاقىرىدى ئەڭگە شاڭيو ئۆزى ھەر يانغا.
ھېچ بىر كىشى چىقالمىدى يولۋاستىن چۆچۈپ،
غەزەپلەڭەن نودەر تۇردى ئورنىدىن ئىرغىپ.
ئۇنى كۆرۈپ، ئەڭگە چولاق زاڭلىق ئارىلاش،
يولۋاسۋايغا كقزنى قىسىپ، ئېتىپ قويدى قاش.
شەڭگەن، دارىن، دوتەي،لوزۇڭ قاراتتى جۇتتەك،
كەڭ مەيدانغا چىقتى نودەر ئېتىلىپ ئوقتەك،
ئىككى پالۋان بىردىنلا چىڭ تۇتۇشۇپ كەتتى،
بىر-بىرىنى ھەر تەرەپكە ئېتىشىپ كەتتى.
كەمبەغەللەر ئۇتۇق تىلەر جىگىت نودەرگە،
مەدەت تىلەر، قۇۋەت تىلەر كەھرىمان ئەرگە.
چىن دوستلىرى غەزەپ بىلەن تىترەتتى قايناپ،
بەگزادىلەر تۇرار مۇندا تىلىنى چايناپ.
قىزىپ كەتتى چېلىش راسا ئوۋجىغا ئېلىپ،
ھەممە قارار بىر نۇقتىغا دىققەت كۆز سېلىپ،
گۈلەمخانمۇ بىر بۇلۇڭدا دوستلىرى بىلەن،
غەلىبىيەت تىلەر يارغا جۈرىگى بىلەن...
بىر ۋاقىتتا نودەر ئالدى يولۋاسنى جۇلۇپ،
غەزەپ بىلەن مىقلاۋەتتى بېشىچە ئۇرۇپ.
ياڭراپ كەتتى كېيقاس-چۇقان مەيدان ئىچىدە،
شاتلىق تاشتى نودەر دېگەن ھەر بىر كىشىدە.
يولۋاسنىڭكى ئاغزى-بۇرنى ماكچىيىپ كەتتى.
ئەڭگە باينىڭ جۇمۇك كۆزى چەكچىيىپ كەتتى.
دارىننىڭمۇ چۈشۈپ كەتتى قولىدىن ھاسا،
ئەمگەكچىلەر كۈلۈپ كەتتى ئەركىن، كەڭ تاشا.
---------------------------------------------------------------------------------
جو٭ ---- دوتەي ئۈچۈن ياسالغان مەخسۇس ياغاچ تەخت
موزا٭ --- باش كىيىم
توز٭ --- ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق چىرايلىق قۇش. مەنجىن خانلىغىنىڭ دوتەيلىرى مەنسەپ بەلگۈسى ئۈچۈن توزنىڭ قۇيرۇغىنى باش كىيىمىغا قاداپ ئالاتتى.
٭٭٭

بەشىنچى باپ

دالادىكى ناخشا

ئالتۇن كۈز ھەم يېتىپ كەلدى، ئورۇلدى بۇغداي،
بۇغدايلىقتا ئويناپ جۈرەر بۆدۈنە، تورغاي.
سېرىق ئەتلەس كۆينەك كىيىپ، ئېتىز-ئېرىقلار،
پىشىپ قالدى كەنجە تەرگەن گۆلەڭ، تېرىقلار.
پۈتۈن يېزا خەلقى يامراپ كەتكەن ئېتىزغا،
لېكىن ئېتىز قوينى زاردۇر جۇگان ۋە قىزغا.
چۈنكى شۇندا بىر تۈركۈم جۇت بەگ-فېوداللار،
ئون ئايالنى بىر توخۇدەك كۆرمىگەن ئۇلار.
تېخى يەنە “چېچى ئۇزۇن - ئەقلى كام...” - دەتتى.
موشۇ پەتۋا كۆپ قىزلارنىڭ بېشىغا يەتتى.
قانچە گۆزەل پاك جۈرەكلەر سولانغان ئۆيگە،
ئۇلار تىرىك كۆمۈلگەن شۇ قاراڭغۇ “گۆرگە”.
بىرمۇ ئەركەك كۆرۈنمەيدۇ ھازىر يېزىدا،
ھەممە ئادەم ئوما ئورار چەكسىز ئېتىزدا،
ئەڭگە باينىڭ ئېتىزىدا بۈگۈن چوڭ ھاشىر،
ئەينە تىڭشا، كەڭ دالادا ناخشىلار ياڭرار.
ئومىچىلار ناخشا ئېيتار، نودەرجان باشلىق،
قىيغىتىدۇ كۈز شامىلى يەلپۈنەر ئاشلىق،
نودەر باشلاپ ئۆزى سۆيگەن مۇڭلۇق ناخشىنى،
ناخشىلارنىڭ ئىچىدە ئۇ بىلەر ياخشىنى،
ناخشا “جۇنۇن” ئاھاڭىدا چىقتى جاراڭلاپ،
ئەلەم چەككەن جۈرەكلەردە كەتتى باراڭلاپ...

ناخشا:

“تاغ ئارىلاپ كەلگەن شامال سېنى ئەسلىتەر،
تاڭدا كۈلۈپ چىققان چولپان سېنى كۆرسىتەر.
سېنى دېدىم، سېنى دېدىم، كەچتىم بۇ جاندىن،
جۈرەك باغرىم پارە - پارە، كۆز يېشىم قاندىن.
سېنىڭ جېنىڭ، مېنىڭ جېنىم --- بىر جان ئەمەسمۇ؟...
سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جېنىم قۇربان ئەمەسمۇ؟”
“...ياشا، نودەر! ئۆلمە، نودەر، كام بولما ھەرگىز”، ---
دېگەن ئاۋاز تولۇپ تاشتى ھەر كىمدە چەكسىز.
شۇ ئارىدا ئەڭگىز باينىڭ زالىم دوغىسى،
ھاجى كەلدى، ئاستىدا شوخ قارا يورغىسى.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېدى ئىككى يالاقچى،
بۇلار بولسا كۈندۈزى بەگ، تۈندە قاراقچى.
ھاجى قايناپ، قامچا سىلكىپ، ۋالاقلاپ كەتتى.
ئالا قۇيرۇق سېغىزغاندەك ۋالاقلاپ كەتتى.
“... نېمانچىلا جاقىرايسەن، ئوما ئورماستىن؟
ئور ئوماڭنى، كۆز ئالايتىپ قاراپ تۇرماستىن!
تونۇشمامسەن كىم بولىدۇ ئالدىڭدا تۇرغان؟
ئەڭگە باينىڭ دوغىسى مەن جۇتنى سورىغان.
ئوتتۇز شاڭنى بۈگۈن ئورۇپ تۈگىتىش كېرەك،
كىملىگىمنى ھەربىرقايسىڭ بىلىشىڭ كېرەك؟!”
ئاچ بۆرىنىڭ ئەلگە قاراپ تىكلەندى كۆزى،
شۇ ئارىدا تاشتى قايناپ سادىرنىڭ سۆزى:
“... ئوتتۇز جىلدىن تارتىپ ئۇبدان بىلىمىز سېنى!
قامچاڭ بىلەن تۆكۈلدى كۆپ يوقسۇللار قېنى.
ناخشىنىمۇ ئېيتقۇزمامسەن ئەندى ياشلارغا،
ناخشا مەدەت بېرەر بىزنىڭ غەملىك باشلارغا...
بىر گەپ بولسا، “ئەڭگە باينىڭ دوغىسىمەن” دەپ،
تويمىدىڭمۇ، يوقسۇل ئەلنى بۇلاپ – تالاپ يەپ؟!...”
ئاتتىن ئىرغىپ چۈشتى دوغا، قامچا سېلىشقا،
لېكىن چامى يەتمەي قالدى ئانداق قىلىشقا.
چۈنكى مايەن پەشۋا بىلەن تەپتى ئىڭەككە،
يالاقچىسى ئاتنى چاپتى زومىگەر بەككە.
ئېتىزلىقتا ياتار ئەينە، ئاغزى قان دوغا،
بىر يالاقچى قاپاق ئېلىپ، جۈگەردى سۇغا.
ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاغزى بۇرنى جۇيۇلدى،
تىلغا ئېلىپ بولمايدىغان سۆزلەر قۇيۇلدى.
يېنىدىكى يالاقچىمۇ كەتتى گۈكۈرەپ،
نودەردىن ئۇ بىر مۇشنى يەپ ياتتى ھۆكۈرەپ.
ئۈچ يۈز ئادەم توختاتقاندى تامام ئىشىنى،
ھەممىسى ھەم كۆرەر ئېدى بۇ “تاماشىنى!”
قان يالىغان دوغىنىڭكى ئاغزى يېپىلدى.
چۈنكى مايەن ئاڭا قاراپ، يەنە ئېتىلدى.
“بولدى مايەن! بولدى، نودەر!” دېمىسە خەلىق،
شۇ مىنۇتتا ئۆلتىرەتتى دوغىنى تەھقىق.
بىر ھازادىن كېيىن شاڭيو “بوران” چىقىرىپ،
كەلدى ئونلاپ يايى بىلەن “چۇقان” چىقىرىپ.
چىدالماستىن چولاق قولى مىدىرلاپ كەتتى،
ئۇنى كۆرۈپ دوغا جىغلاپ، تېپىرلاپ كەتتى.
“... قايسى گاداي، قايسى خۇمپەر بۇ ئىشنى قىلغان؟
قايسى گاڭگۇڭ، بۇ دوغىنىڭ ئۈزىنى تىلغان؟!”
غەزەپ بىلەن سەكرەپ چۈشتى ئوتتۇرغا مايەن:
“يالاقچىنىڭ دەككىسىنى بەرگەن مانا، مەن!”
نودەرمۇ ھەم چىقتى ئالغا كۆكسىنى كېرىپ،
سىم قامچىلار تەگدى بىردىن باش كۆزنى يېرىپ.
باغلاندى پۇت – قوللىرىغا قارا قىل ئارقان،
مايەننىڭكى ماڭلىيىدىن ئاقار قىزىل قان.
نودەرنىڭمۇ ئوڭ قاپىغى كۆكۈرۈپ قالدى،
بۇ بالادىن سادىر “ئاران” قۇتۇلۇپ قالدى.
ھايداپ ماڭدى ئىككى ياشنى ئىلى شەھىرىگە،
تاشلاش ئۈچۈن قاراڭغۇ – زەي، دەھشەت تۈرمىگە!
ئەل ئۇزىتىپ ماڭدى بىللە ئىشىنى تاشلاپ،
زالىملارغا نەپرەت ئېيتىپ، كۆزىنى ياشلاپ.
ئەڭگە چولاق چۈشتى يەرگە سۆرۈن دېۋەيلەپ،
ھاجى دوغا يېتىپ كەلدى ئاتنى ئېگەرلەپ.
ئۇمۇ كۆكسۈپ، شاڭيو بىلەن ئەلگە قادىلار،
ئىككى دوستنى يالغۇز ھايداپ ماڭدى يايىلار.
ئىككىسى تەڭ كەتتى، يەنە ناخشىنى باشلاپ،
پۈتۈن دالا سۈكۈت بىلەن قالماقتا تىڭشاپ...
٭٭٭

داۋامى بار

خېلىل ھەمراېۋ رەپىقىسى خانقىز ۋە نەۋرىسى بىلەن


Ана тилим һаятлиғим

Ана тилим һаятлиғим байриғим,
Шу байрақтин билиниду барлиғим.
У қанчилик көтүрүлсә бүйүккә,
Кәңийиду мениң яшар яйлиғим.

Ана тилим өргә учар қанатим,
Аңа бағлиқ мениң өмүр саатим.
У қанчилик пәрваз қилса узаққа,
Йилтиз тартип шақирайду иҗатим

Ана тилим, җанан тилим, җан тилим,
Ана сүти билән киргән нан тилим.
Күйләп дайим достлуқ билән әрикни,
Яңрап турған шаир тилим шан тилим.

Тилимға яр Садир палван надаси,
Аманисаханниң муқам наваси.
Улуқ шаир Билал Назим қәлмидин,
Қәт көтәргән униң нурғун җираси.

Шу җирадин еқип кәлгән булақ мән,
Қәйсәр Назук ейтқан отлуқ қошақ мән.
Ялқунлутуп устаз Билал ғәзилин,
Жут бағрида йенип турған чирақ мән.

Ана тилим, гөзәлликниң ачқучи,
Тилсимат у қәлбимгә нур чачқучи,
Шу нур мени, гөзәлликә ашиқ қип,
Илһамимниң салютлирин атқучи.

Ана тилим тириклигим тиригим,
Шу тирәктин мәдәтлинәр жүригим.
Достлар тили байлиғидин бәһли еп,
Қанатлинип улғу ярға тилигим.

Бу шеирни йоллиған
Зухридин вә Субхидин
Мансуровларға чоң тәшәккүр!

Мән тирик туғулған өз жутум билән... خېلىل ھەمراېۋ

Тумар дастанидини парчә

...
(Өтмүштин)

Хелил Һәмраев

Ижадқа берилдуқ тәвринип һаман,
Гүзәллик ишқида йенип һәр заман.
Булбуллуқ баһарда гирәлишип биз,
Кетәттуқ сәплишип тоқайлиқ таман…

Бағлиғач бир өмүр бизни бу тәқдир,
Талай юрт арилап кәздуқ идир-қир.
Муңдишип айдиң кәч-күмүш таңларда,
Қалмиған йүрәктә ейтилмиған сир.

Биз инақ дост идуқ сөһбәткә хумар,
Көңлимиз беғида яшнайтти баһар.
Бүгүн сән көрүндүң башқичә маңа,
Бойнуңда есилған у немә тумар?!...

Мән сени көйнәкчан көргән қанчә рәт,
Вә лекин болмиған мундақ аламәт.
Бағриңда сефирлиқ қара қапчуқтәк,
Ямишип турған у немә маламәт?!

Бу қандақ мөжизә? Бу қандақ адәт?
Немигә керәк у кона хурапат?!
Вә яки у еғир һижран пәйтидә,
Бәргәнму ейтқина, жанъға һарарәт! ---

Дәп саңа егилип қаридим ойчан,
Сән болсаң жим болуп қалдиң хиялчан…
Немишкә бу һәқтә мушу күнъгичә ---
Билмидим, ейтмидиң, маңа һечқачан?!

Раст саңа ейтишқа қилмидим һәвәс,
Бу тумар айәттин пүтүлгән әмәс.
Униңда «Қуръан»ниң сүрисиму йоқ,
Вәтәнниң тописи унда муқәддәс!...

Аңа яр Билалниң муқами, муңи,
Муң ичрә учқунлар һаятлиқ чоғи…
Бир чағ өз қолида жапакәш атам ---
Асқанди тумар қип бойнумға буни!

Демәк бу атамниң изгү байлиқи,
Бағриға теңилған әрк байриғи…
Униңға оралған мирас тупрақтин,
Қәлбимни яшнитар юртум байлиқи.

Шуңа бу ялдама әзиздур маңа,
Игиси атамдур, шәрһиләй саңа.
Әркинлик шәйдаси шаир Назимниң ---
Изидин кәлгән у --- садиқлиқ аңа. ---

Дедиң-дә мәрданә әйлидиң хитаб,
Мән йәнә тумарға тикилдим шу тап.
Сән уни қолға еп, изаһлап ейттиң,
--- Бу әсли мән үчүн бир қизил китаб…

Көр мана тумарни, көргиниң зор гәп,
Йезилған сиртиға «Һижран гүли» дәп.
Қетида сақланъған қутлуқ тупрақтин,
Туриду ана юрт меһри гүпүлдәп.

Шу меһр ишқимни әлгә бағлиған,
Шу меһр – ай кәби дилни дағлиған.
Шу меһр йорутуп һаят йолумни,
Шу меһр өлүмдин мени қоғдиған…

Бир күни алдиға чақирип атам,
Еғир ой, һәсрәттә бақти мән таман.
Йеқин кеп олтурдум қолини тутуп,
Деди у: “сөзүмни аңлиғин балам!

Анаңдин туғутта айрилип қалдиң,
Шу күндин мән сени бағримға таңдим.
Һаятта бир өмүр адаләт издәп,
Барлиқ дәрт-әләмни ичимгә салдим.

Анаңму мән идим ғәмханә болған,
Сән үчүн өртинип, гүлханә болған.
Түнлири йиғлисаң сөйүп-пәпиләп,
Бешиңда айлинип, пәрванә болған.

Бир яшқа киргәндә сән будруқ бовақ,
Әгишип тайтаңлап басаттиң аяғ.
Буғ-буғлаң қип сени бойнумға алсам,
Өзүмчә гуң-гуңрап, ейтаттиң қошақ.

Ғәзәлхан болсикән, оғлум дәп сени,
Арманда көйәтти --- атаңниң жени.
Туйғандәк қәлбимниң зарини шу чағ,
Бойнумға ямишип сөйәттиң мени.

Шу кечә бирла сән идиң бәхтияр,
Шадлиқиң йолумға яятти баһар.
Шуңа мән һижранъға бәрдашлиқ берип,
Бу таман кәлгәндим есип қош тумар.

У күнләр чиқмайду әстин өлгичә,
Көп азаб чәккәндим мунда кәлгичә.
Талай йил боптуғу бүгүн у күнъгә,
Қандақчә тез өткән, һәш-пәш дегүчә?!

Сән кичик--- билмәйттиң у чағда дәртни,
Айрип алмайттиң унда намәрдни.
Көз ечип әркинлик издәп ахири,
Бу әлдин таптим мән чин һәқиқәтни.

Сән идиң лачиним --- жан балам ишән,
Мүрәмгә қондуруп кәлгән идим мән.
Бүгүнзә ғәзәлхан болуп йетиштиң,
Билгинки ғәзәлгә хумар әл-вәтән.

Сән мениң булбулум, әрк қушум сән,
Гүзәл авазиңға тәшна гүл-чимән.
Өлсәмму қоғдаймән әзизим сени,
Шу чимән ичрә ақ кепинәк бу, мән.

Атамдин қалған бу бүйүк ялдама,
Қалқан боп қоғдайду қәлбимни даим.

Әмди сән биһудә қилмиғин гуман,
Бу тумар илһами башлар һәқ таман.
Шуңа мән улуғлап чин һәқиқәтни,
Күйләймән нахшамда әл-юртни һаман.

Шуңа әл әзәлдин нахшамға хуштар,
У билән тәвринәр өртигәч хумар.
Кәл достум, қошулғин сөйгү нахшамға,
Бизгә яр-йөләктур бу улуғ тумар!...
...
-*-*-*-